مەدەنىيەت، مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق

Culture, Education, Unity

مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش، جەمئىيىتىمىزنى گۈللەندۈرۈش، كېلەچەكنى پارلاق قىلىش.

Preserving Heritage, Empowering Community in British Columbia.

بىزنىڭ نىشانىمىز

Our Mission

BC ئۇيغۇر مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى — بىرتىش كولومبىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىش، ئانا تىل ۋە مەدەنىيەتنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش، ۋە كانادا جەمئىيىتىگە ئۇيغۇرلارنى توغرا تونۇشتۇرۇش.

Our mission is to foster unity within the Uyghur community in British Columbia, pass down our language and traditions to the next generation, and introduce the rich Uyghur heritage to the wider Canadian society.

🌙

رامىزانلىق ئىپتار پائالىيىتى

Ramadan Iftar Gatherings

مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، جەمئىيىتىمىز ھەر ھەپتىلىك ئىپتار پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

In celebration of the holy month of Ramadan, we are hosting community Iftar dinners every week. We warmly welcome you and your family to join us in breaking our fast together.

ۋاقتى:
رامىزان ئېيى جەريانىدا ھەر شەنبە كۈنى (ئىپتار ۋاقتىدا)
ئورنى:
12155 191B St, Pitt Meadows V3Y 2S2
Time:
Every Saturday during Ramadan (at Iftar time)
Location:
12155 191B St, Pitt Meadows V3Y 2S2

* ئائىلىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىر خىل تاماق ئېتىپ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

* Families are welcome to voluntarily bring a dish to share.